مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى كۆچمەنلەر يۈك ئاپتوموبىلى دېلوسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 51 گە يەتتى

2022.06.29 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى سان-ئانتونىئو شەھىرىنىڭ ئەمەلدارى 28-چېسلا مۇنداق دېدى: 27-چېسلا شۇ جايدا يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر يۈك ئاپتوموبىلى دېلوسىدا ئۆلەەنلەر سانى 51 گە يەتتى.-27چېسلا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار سان-ئانتونىئو شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر سۆرىمە يۈك ئاپتوموبىل ئىچى ۋە ئەتراپىدا 46 جەسەتنى بايقىغان، يەنە 16 ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە 28-چېسلا ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بىل ناھىيەسىنىڭ سودىيەسى نېلسون ۋولفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: كېيىن يەنە بەش ئادەم دوختۇرخانىدا جان ئۈزدى. ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئەمەلدارى كرايگ لارابى مۇنداق دېدى: بۇ ئامېرىكا تارىخىدا ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دېلوسى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىل ناھىيەسىنىڭ ئەمەلدارى رېبېكا كلاير فلورىس 28-چېسلا مۇنداق دېدى: ئۆلگەنلەر ئىچىدە 39 ئەر ۋە 12 ئايال بار. شۇ كۈنىگە قەدەر، ئاز دېگەندە 34 ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى. فىلورىسنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى ئۆلگۈچىلەرنىڭ يېشى 18 ياشتىن تۆۋەن ئىكەن. مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېبراد ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆلگەنلەرنىڭ 22 سى مېكسىكىلىق، يەتتىسى گۋاتېمالالىق، ئىككىسى ھوندۇراسلىق ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تېكساس پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھېنرى كۇللىيارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ۋەقەگە چېتىشلىق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ۋە باشقا ئىككى ئادەم قولغا ئېلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يۈك ئاپتوموبىلى تېكساس ئىشتاتىدىكى لارېدونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 35-نومۇرلۇق ئىشتاتلار تاشيولىدىكى چېگرا چارلاش- تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئامېرىكىغا كىرگەن بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىلى بېكەتتىن ئۆتكەندە كۆچمەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  ئۇزۇندىن بۇيان، تېكساس شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتىدىغان قىزىق نۇقتا رايونى بولۇپ كەلدى. لارابى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دائىرىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ رايوندا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان يۈك ئاپتوموبىلىنى بايقايدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا چېگرىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئامېرىكا-مېكسىكا چىگرىسىدا قولغا ئالغان قانۇنسىز كۆچمەن 240 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئۈچتىن بىر قىسىم ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ