پۇتىن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى
2022.06.24 12:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 22-ئىيۇن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، چەت ئەل پۇلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت قەرزى تۆلەش ۋاقىتلىق تەرتىپىنى بېكىتتى. زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، رۇبلى بىلەن ياۋروپا زايومىنى تۆلەش رۇسىيە تەرىپىدىن قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىم قىلىنغان رۇبلىنىڭ سوممىسى چەت ئەل پۇلى بىلەن ھېسابلانغان قەرز قىممىتىگە تەڭ بولۇشى ھەمدە چىقىم قىلىنغان ۋاقىتتىكى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ