مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھوشيار! مايمۇن چېچىكى ئاسىيا قىتئەسىگە كىردى

2022.06.23 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇن سىنگاپوردا تۇنجى مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغان سىرتتىن كىرگەن ساقسىزنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ساقسىز 42 ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئەر بولۇپ، ئايروپىلان خادىمى، ھازىر سىنگاپور دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزىدە داۋالىنىۋاتىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقى 13 نەپەر قويۇق ئۇچراشقۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇلار 21 كۈنلۈك ئايرىپ كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىدىكەن.


  سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بۇ ئايروپىلان خادىمى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە سىنگاپوردا توختىغان، 19-چېسلا يەنە سىنگاپورغا كىرگەن ھەمدە 20-چېسلا مايمۇن چېچىكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ھازىر ئەھۋالى مۇقىم ئىكەن.


  كورىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى 21-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كورىيەدە شۇ كۈنى بىر مايمۇن چېچىكى كېسىەللىكىگە گىرىپتار بولغان گۇمانىي ساقسىزنىڭ ئىنچون خەلقئارا ئايرودرومىدىن كورىيەگە كىرگەنلىكىنى بايقىدى، بۇ گۇمانىي ساقسىز شۇ كۈنى كەچ سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئايرىپ داۋالىتىلدى.


  كورىيە كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش نازارىتى 31-ماي مايمۇن چېچىكىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى «دىققەت قىلىش» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى، يەنە مايمۇن چېچىكىنى B تۈردىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك قىلىپ بېكىتىشنى، گۇمانىي ساقسىزلارنى مەلۇم قىلىش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئايرىپ تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ