مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پەرداز ئەينىكى بۇرۇنلا چېقىلىپ كەتكەن

2022.06.21 22:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «ئافغانىستانلىقلار ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى. بۇلتۇر 8-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 17-C بەلگىلىك بىر تىرانسپورت ئايروپىلانى ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىماي، كابۇل خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئالدىراپ-تېنەپ ئۇچقاندا، بەزىلەر مەجبۇرىي يىغىۋېلىنغان ئۇچۇش-قونۇش جازىسىغا قىسىلىپ قېلىپ، تىرىك پېتى ئىزىۋېتىلدى، بەزىلەر ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلدى. 10 ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ۋەقەگە چېتىشلىق ئايروپىلان خادىملىرىنى قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلمىدى، دەپ بېكىتىپ، زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. بەزى تورداشلار مەسخىرە قىلىپ: ئامېرىكا ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىغانلىقىنى بايقىغان يەنە بىر ۋەقە، دېيىشتى.

  ئامېرىكا ئەزەلدىن كىشىلىك ھوقۇق ھەممىدىن ئەلا دەپ تەرغىپ قىلىپ، ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختايدۇ، لېكىن قىلغان-ئەتكەنلىرى بولسا كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبارسىز قاراش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ئەگەر ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىپ، رەھىمسىز رېئاللىق ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈزەش تەدبىرى ئۈستىدە ئويلانماي، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە ئويلانماي، كەڭ كۆلەمدە سىياسىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللاندى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن بىمار سانى 1 مىليوندىن ئاشتى؛ قورال-ياراغ زوراۋانلىق ۋەقەسى كۆپ يۈز بەردى، بۇ يىل ئىچىدىلا 267 قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 مىڭغا يېقىن ئادەم ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئۆلدى؛ ئىرقىي كەمسىتىش بارغانسېرى كۈچەيدى، «مەن نەپەس ئالالماي قالدىم» دېگەن ئۈمىدسىزلىك چۇقانلىرى ياڭرىدى؛ خۇسۇسىي تۈرمىلەر پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە سودا ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەدەپ بايلىق يىغىدىغان «خۇسۇسىي زاۋۇتى»غا ئايلاندى... نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق كونا كېسەللىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، قىلچە ھەل قىلىش ئۈمىدى بولمىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەمەلدارى: ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش قانۇن سىستېمىسى ئەتراپلىق ئەمەس ھەم بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتكەن، ھەم كۈنسېرى ئېغىر بولغان باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىنتايىن قەبىھ، چەت ئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىمۇ ئوخشاشلا ئېچىنىشلىق. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا چەت ئەللەردە ئارقا-ئارقىدىن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىق داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىللىك، ئارىلىشىش مەسلىكىنى يولغا قويۇپ، ھە دېسىلا جازالاش تايىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى ئادەتتىكى ئاممىغا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى. چەت ئەلدىكى «قارا تۈرمىلەر»نىڭ خالىغانچە قاماپ قويۇشى، قالايمىقان دەھشەتلىك جازا يۈرگۈزۈشى «كىشىلىك ھوقۇققا خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ رەزگى بىر بېتى» بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ھەقىقەتكە زوراۋانلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ھەققانىيەتنى دەپسەندە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلدى، «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» بولۇشتەك ساختا قىياپىتى بۇرۇنلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ