مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 132 ئادەم ئۆلدى

2022.06.21 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى 20-چېسلا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بانكاس رايونىدىكى ئۈچ كەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى 18-چېسلا كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ 132 پۇقرا ئۆلدى، دېيىلگەن.


  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ ھۇجۇمنى ئەسەبىي تەشكىلات «ماسىنا ئازادلىق فرونتى» قوزغىغان.


  مالىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنى ئىزدەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
2012-يىل 3-ئايدا، مالىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. 2015-يىل 5-ئايدا، مالى ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالىي رايوندىكى بىر قىسىم قوراللىق تەشكىلاتلار تىنچلىق ۋە يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا، ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىمنى تاماملاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىمزا قويغان. لېكىن، مالىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلاردىكى قوراللىق ھۇجۇممۇ كۆپەيدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ