مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 49 ئەنگلىيە پۇقراسىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى

2022.06.16 10:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 14-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي سانائەت تارماقلىرىدىن 49 كىشىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.


  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» ۋە ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) قاتارلىق ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن 29 كىشىنى چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىكەن. سەۋەبى، بۇ كىشىلەر رۇسىيە ۋە ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ۋە بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارنى قەستەن تارقىتىشقا قاتنىشىپ، ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە رۇسىيەدىن قورقۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتكەن.


  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت مۇداپىئە-دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى جېرمى كوئىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي سانائەت تارماقلىرىنىڭ 20 خادىمىمۇ ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەش قارارىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ