خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 14-چېسلا ئېلان قىلغان ئۇرۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى «كالىبىر» يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ چېرنىگىف ئوبلاستىغا جايلاشقان زەمبىرەك قورالى ۋە ئوق-دورا ئامبىرىنى ۋەيران قىلغان. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتارلىقلار يەنە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى، قورال-ياراغ يىغىلىش نۇقتىسى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ جايدىكى ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەن.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە روسىيەنىڭ «ئىسكەندەر» تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندىكى ئالاقىدار كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ