ئىتالىيە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى 11-چېسلا يېقىندا يوقاپ كەتكەن بىر تىك ئۇچارنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپقان، تىك ئۇچاردىكى 7 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن.
ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى 11-چېسلا توسكانا رايونى بىلەن ئېمىلىيا-رومانىيە رايونى چېگرالىنىدىغان كۇزنا تېغى ئەتراپىدا تىك ئۇچار قالدۇقلىرىغا ئوخشايدىغان قالدۇقلارنى بايقىغان، ئارقىدىن ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلغان.
ئېمىلىيا-رومانىيە رايونى مودېنا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلگەنلەر ئىچىدە بىر ئىتالىيەلىك ئۇچقۇچى، تۆت تۈركىيە پۇقراسى ۋە ئىككى لىۋان پۇقراسى باركەن. ئالتە يولۇچى ئىتالىيەدە بىر قەغەز تېخنىكا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان.
تىك ئۇچار 9-چېسلا توسكانا رايونى لۇكا شەھىرىدىن شىمالدىكى تېرېۋىسو شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىتالىيە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى ئىزچىل بۇ تىك ئۇچارنى ئىزدىگەن.
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تىكئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تېخى ئېلان قىلمىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھادىسە ناچار ھاۋا رايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ