مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ 1200 گە يېقىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

2022.06.14 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشېنكوۋ شۇ جاي ۋاقتى 13-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنانىڭ 1200 گە يېقىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاچاقلاپ تاشلىغان.


  كوناشېنكو مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ 201 ئايروپىلانى، 130 تىك ئۇچار ئايروپىلانى، 1196 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، 338 باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، 3525 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 515 يۈرۈش كاتيۇشا سىستېمىسى قۇرۇلمىسى، 1933 دالا ئۇرۇشى زەمبىرىكى ۋە مىناميوت ھەم 3583 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى.


  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 13-چېسلا ئالاقە تاراتقۇسىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شىمالىي دونتسىكى شەھەر مەركىزىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ