مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە ئالەم قاتنىشى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ئامېرىكا تەرەپ رۇبلى ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خىراجىتىنى تۆلىدى، دېدى

2022.06.13 22:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە دۆلەت ئالەم قاتنىشى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روگوزىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ رۇبلى ئارقىلىق ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاندېر خەينىڭ رۇسىيە «ئىتتىپاق» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا بېرىش خىراجىتىنى تولۇق تۆلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  روگوزىن: پۇل تۆلىگۈچى تەرەپ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئەمەس، بەلكى «ۋاسىتىچى» Axiom شىركىتى، پۇل تۆلەش ئالدىن بەلگىلەنگەندىن بىر ئاي كېچىكتى، دېدى. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بېسىمى بىلەن، ۋاسىتىچىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۈچۈن بۇ ئورۇننى سېتىۋالغان.

  رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە تەرەپ بەزى ساھەلەردە «دوستانە بولمىغان» دۆلەت ۋە رايونلارغا قارىتا، خىراجەتنى رۇبلى بىلەن راسچوت قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ