مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئەترەت: UFO تەتقىق قىلىمىز!

2022.06.13 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 9-چېسلا بىر ئالىملار ئەترىتى تەشكىللەپ، نامەلۇم ئۇچار جىسىم (UFO) ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل كۈزدە خىزمەتنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇنداق دېدى: بۇ مۇستەقىل خىزمەت گۇرۇپپىسى ئېرىشكىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى پەرقلەندۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ «نائېنىق ھاۋا بوشلۇقى ھادىسىسى» گە بولغان ئىلمىي تونۇشنى ئۆستۈرىدۇ. ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى توماس زوربكېن مۇنداق دېدى: «سانلىق مەلۇماتنىڭ كەمچىل» بولۇشى بۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقات بۇ يىل كۈزدە باشلىنىپ، توققۇز ئاي داۋاملىشىدىكەن، كېتىدىغان خىراجەت 100 مىڭ دوللاردىن ئاشمايدىكەن. تەتقىقات پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇپ، مەخپىي ھەربىي سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىلمەيدىكەن.


  خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ھېيسىڭ سىمونس فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاستروفىزىكا ئالىمى داۋىد سپېرگېل باش بولۇپ، ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىلىم-پەن ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دانىئېل ئېۋانس تەتقىقات ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىكەن.


  ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى بۇ يىل 5-ئايدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم باش تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى نەپەەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى بەزى نامەلۇم ئۇچار جىسىم ھادىسىسىنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.


  بۇ ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم نامەلۇم ئۇچار جىسىم ھەققىدە ئاشكارا ئىسپات ئاڭلىشى ئىكەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ