شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇن، تايلاندنىڭ پۇكېت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى ئۇكرائىنا ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۇ تەشكىلات قۇرۇلتىيى ۋە سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش تەكلىپىنى رەت قىلدى. خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى شۇ كۈنى بۇ تەكلىپكە ۋەكىللەرنى مەخپىي بېلەت تاشلاشقا تەشكىللىدى، ۋەكىللەردىن 55 كىشى قارشى تۇردى، 48 كىشى قوشۇلدى، 13 كىشى بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، قوشۇلغان بېلەت سانى ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئېشىپ كەتمىدى، شۇڭا تەكلىپ ماقۇللانمىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيى 10-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ