مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن «شىنجاڭ قارتاسى» ئويناش نەيرىڭى يەرلىك كارخانىلارنى قاقشاتتى

2022.06.02 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇد، دېيىشتەك ئەسىرلىك يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ ئالاقىدار كارخانىلارنى جازالىدى، باستۇردى. ئامېرىكا تەرەپ ئارقا-ئارقىدىن «شىنجاڭ قارتاسى»نى ئويناپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنىڭ زىچ ئالاقىسىگە قىلچە پەرۋا قىلماي، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قاراپ، جازاغا ئۇچرىغان ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك كارخانىلىرىنى قاخشاتتى.

  ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇد دېگەن يالغان گەپنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. 2020-يىلى 6-ئايدا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ، قانۇنغا ئايلاندۇردى، ئارقىدىن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى كۆپ قېتىم «ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» ئېلان قىلىپ، تاموژنىدا شىنجاڭ رايونىدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان يورۇقلۇق ۋولت، پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ قالدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازالاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى ھەمدە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»نى قانۇن قىلىپ تەستىقلىدى. بۇ قانۇن بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەھسۇلاتى دەپ بېكىتىلدى ھەم شىنجاڭغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىندى.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئارقا-ئارقىدىن «شىنجاڭ قارتاسى» ئوينىشىنىڭ سەلبىي تەسىرى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە تەسىر يەتكۈزدى. ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكىدا پېيى بازارغا سېلىنغان 16 شىركەت شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىر سەۋەبلىك خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلغان، بۇ شىركەتلەر پارچە سېتىش، ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

  ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى لۇسىد گۇرۇھىمۇ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ: شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس، مىنېرال ماددا، توقۇلما بۇيۇم ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى يەنىمۇ چەكلەپ، شىركەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەننەرخىنى كونترول قىلىش ۋە تىجارىتىگە ماھىيەتلىك سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دېدى.

  ئامېرىكا «ۋىلمېر كالتېر پىكېرىڭ خال ۋە دور» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شېرىكى جېفرى كېسلېر يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىش كەسپىگە ئېغىر كاشىلا پەيدا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ