مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكو ئشىتاتىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ 84 ئادەم ئۆلدى

2022.05.31 12:56 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇدا نەچچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا، برازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى پېرنامبۇكو ئشىتاتىدا كەلكۈن كېلىپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، شۇ جاي ۋاقتى 29-چېسلا كەچكىچە 84 ئادەم ئۆلگەن، 56 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 3957 ئادەم مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلغان.


  پېرنامبۇكو ئشىتاتىنىڭ باشلىقى پاۋلو كامارا 29-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:25-چېسلا قاتتىق يامغۇر ياغقاندىن بۇيان، بۇ ئىشتاتتىكى رېسىفې، ئولىندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 شەھەر جىددىي ھالەتكە كىردى.
پېرنامبۇكو ئشتاتلىق ھۆكۈمەت تور بېكىتى 29-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھۆكۈمەت ئارمىيەنى تەشكىللەپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاراخوت، ئاپشاركا ۋە تۈرلۈك ماشىنا ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 29-چېسلا ئەتىگەنگىچە قاپسىلىپ قالغان 593 نەپەر ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق قۇتقۇزغىلى بولمىغان 12 كىشى تىك ئۇچار ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى. تىك ئۇچار يەنە سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى چەت، يىراق ۋە ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا يەتكۈزدى.


  بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو 29-چېسلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھۆكۈمەت بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ 30-چېسلا رېسىفېغا بېرىپ ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ جايدىكى مېترولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە پېرنامبۇكو ئشىتاتىدا يامغۇر ئازلايدىكەن.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ