ئا ق ش خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 28-چېسلا ئارمىيەگە، ھەربىي سەپكە كىرىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، قانۇن ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش يېشى 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان، چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش يېشى 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا چەكلەنگەن.
رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىن قانۇنغا ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن، 25-چېسلا رۇسىيە دۆلەت دۇماسى بۇ قانۇننى ماقۇللىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ