مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالبانىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇيار نىشانى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئەگەشمە كېسەللىكىدە ئالەمدىن ئۆتتى

2022.05.30 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  ئالبانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالبانىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇيار نىشانى يېڭى تىپتىكى تاجسمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىك سەۋەبىدىن 28-چېسلا گېرمانىيەدىكى بىر دوختۇرخانىدا 55 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نەچچە ئاي ئىلگىرى نىشانى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، پايتەخت تىرانادىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالانغان.


  ئالبانىيە زۇڭتۇڭى ئىلىر مېتا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېگەن: نىشانىنىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز، ئۇ دۇرۇس ۋە يىراقنى كۆرەرلەيدىغان رەھبەر ئىدى.
نىشانى ئالبانىيە ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ، ئالبانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 2012-يىلى 7-ئايدىن 2017-يىلى 7-ئايغىچە ئالبانىيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ