مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 21 ئادەم ئۆلدى

2022.05.25 13:42 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا تېكساس شتاتىنىڭ باشلىقى ئالبېرت 24-چېسلا تېكساس شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇۋالد شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە شۇ كۈنى ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ئۆلدى، دېدى.


  ئالبېرت شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوققا تۇتقۇچىنىڭ 18 ياشلىق ئوغۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئوققا تۇتقۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋەقە ھازىر تەكشۈرۈلمەكتە، دېدى.


  ئامېرىكىدا يېقىندا كۆپ قېتىم ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى نيۇيورك شىتاتىنىڭ بۇففالو شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئون ئادەم ئۆلگەن، ئۈچ ئادەم يارىلانغان. 15-چېسلا تېكساس شتاتىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر خيۇستوندىكى بىر بازاردا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلانغان. شۇ كۈنى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئورانجې ناھىيەسىدىكى بىر چېركاۋدا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلۈپ، بەش ئادەم يارىلانغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ