مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش پاكىستانغا ھۇجۇم قىلغانلىق، دېدى

2022.05.24 21:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلاۋا دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  بىر مۇخبىر پاكىستاننىڭ قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. بىلاۋا مۇنداق دېدى: پاكىستان كاراچىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ھەمدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگولۇق دوستلار ۋە پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. پاكىستان تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، دۆلەت زىيانغا ئۇچرىدى، ئائىلە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، تېررورىزمنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرىگە نىسبەتەن قاتتىق ئازابلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە پاكىستاندىكى جۇڭگولۇق دوستلار خاتىرجەم بولسۇن، پاكىستان پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش پاكىستانغا ھۇجۇم قىلغانلىق.

  بىلاۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورچىلار ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىگۇناھ ئاممىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى، ئۇلارنىڭ ھالاكەت يولى ۋە بۇرمىلانغان روھىي ھالىتى تولۇق ئاشكارىلاندى. پاكىستان تەرەپ قاتىلنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇتۇپ ۋە قاتتىق جازالاپ، پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

  بىلاۋا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى شاباز مەخسۇس ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە پاكىستاندىكى بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. پاكىستان تەرەپ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىپ، پاكىستان ئىككى شىسىنىڭ كۈچىنى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ۋە باشقا تۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى. پاكىستاننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىدا جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىشنى ساقلىدى. پاكىستان تەرەپ پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق رەزىل سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ