فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ لوندوندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باش داۋالاش مەسلىھەتچىسى سۇسان خوپكىنىس 22-چېسلا مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە ھەر كۈنى غەربىي ئافرىقىغا بارغانلىق تارىخى بولمىغان مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالماقتا.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيە سەھىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات 23-چېسلا ئېلان قىلىنىدىكەن. 20-چېسلاغىچە، ئەنگىلىيىدە 20 بىمارغا مايمۇن چېچىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ مەھەللىدە تارقىلىشى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق تارقىلىش ئەندىزىسى بولۇپ قالامدۇ-يوق؟دەپ سورالغاندا، خوپكىنىس «ئەلۋەتتە شۇنداق» دېگەن. ئۇ ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىدىكىلەرگە مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر غەربىي ئافرىقىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئېنىق ئۇچرىشىش تارىخى بولمىغان بىمارلارنى بايقىدۇق».
خوپكىنىس مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر كۈنى نۇرغۇن بىمارلار بايقالماقتا». خوپكىنىس بىر بىمارنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشنى رەت قىلغان. لېكىن ئۇ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ شەھەر رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.
خوپكىنىس مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئادەتتىكى كىشىلەر توپى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن، مېنىڭچە كىشىلەر بۇ ۋىرۇستىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن «نىسبەتەن يېنىك» كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ