20-چېسلا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشېنكوۋ رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ مارىئۇپولدىكى ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان.
رۇسىيە ت ئا س س ئاگېنتلىقى 20-چېسلا كوناشېنكوۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا قاپسىلىپ قالغان ئۇكرائىنانىڭ 531 قوراللىق خادىمى تەسلىم بولغان. مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدا قاپسىلىپ قالغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە ئۇكرائىنا ھەربىي كۈچلىرى «ئازوۋ باتالىيونى» دىكى 2439 كىشى تەسلىم بولغان. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ۋە مارىئۇپول شەھىرىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىگەنلىكىنى دوكلات قىلغان.
4-ئاينىڭ 21-كۈنى شويگۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مارىئۇپول شەھىرىنىڭ ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىن باشقا رايونلىرىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان، پۇتىن شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنى داۋاملىق قامال قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى، كوناشېنكوۋ ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا قاپسىلىپ قالغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە ئۇكرائىنا ھەربىي كۈچلىرى «ئازوۋ باتالىيونى» دىكى كىشىلەرنىڭ 16-چېسلادىن باشلاپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ