مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2022.05.20 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 18-چېسلا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى قوشۇمچە «شىزاڭ ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى» زىيا ھىندىستاندا «شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى» نىڭ كاتتىباشلىرى ۋە بىر قىسىم زاڭزۇلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. زىيانىڭ ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 19-چېسلا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە نېپالنىڭ زاڭزۇلار مەھەللىسىدە زىيارەتتە بولىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟


  جاۋ لىجيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاتالمىش «شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى» سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچىلىك سىياسىي گۇرۇھى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلغان قانۇنسىز تەشكىلات، ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ تەشكىلاتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. 14-ئەۋلاد دالاي دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان سىياسىي سەرگەردان. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىزاڭنى دۆلىتىمىزدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شىزاڭ ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى»نى تەسىس قىلىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغان ھەم قىلمايدۇ.


  ئامېرىكا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىزاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، «شىزاڭ مۇستەقىللىقى» نى قوللىماسلىقتەك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، شىزاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى، دالاينىڭ جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىماسلىقى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ