مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا، ئەنگلىيەلەردە مايمۇن چېچىكى كېسەللىكى پەيدا بولدى

2022.05.20 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 18-چېسلا، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا مايمۇن چېچىكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمارغا دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈشى ئىكەن.

ماسساچۇسېتس شتاتى سەھىيە تارماقلىرى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېسەللىككە كىرىپتار بولغان بۇ ئەر يېقىندا كاناداغا ساياھەتكە بارغانىكەن. 17-چېسلا تەكشۈرۈتگەندىن كېيىن، كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى بۇ بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويغان. بۇ ئەر ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى ياخشىكەن، باشقىلارغا خەۋپ -خەتەر يەتكۈزمەيدىكەن.


  ئەنگىلىيەدە مايمۇن چېچىكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان يەنە ئىككى ئادەم كۆپەيدى، سەھىيە-بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بۇ كېسەللىكنىڭ مەھەللىدە تارقالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


  شۇ يەر ۋاقتى 18-چېسلا، ئەنگلىيەدە مايمۇن چېچىكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان يەنە ئىككى كىشىگە دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە جەمئي توققۇز كىشى بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان.


  ئەنگلىيە سەھىيە-بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئادەملەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرى چوڭ ئەمەسكەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ باش داۋالاش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن كېسەللىكلەرگە بىرلەشتۈرگەندە، بۇ ۋىرۇسنىڭ مەھەللىدە تارقالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىكەن.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ