مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىراق زۇڭتۇڭى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز، دېدى

2022.05.19 20:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەم سالىھ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىراق جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  سالىھ شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى سۈي ۋېي تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، تارىخىي ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىراق جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  سۈي ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلتۇر 8-ئايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئىراق دوستلۇق ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىراق بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ