تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 16-چېسلا تۈركىيە فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەردوغان شۇ كۈنى ئەنقەرەدە زىيارەتكە كەلگەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇل مەجىد تېببونى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئەردوغان «بىز تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزىدىغان دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قوشۇلمايمىز» دېگەن.
ئەردوغان يەنە مۇنداق دېگەن: فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتا «ئېنىق ۋە كەسكىن» مەيداندا تۇرمىغان. ئەگەر شۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرسە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بولماستىن بەلكى تېررورچىلار توپلاشقان جاي بولۇپ قالىدۇ».
يېقىندىن بۇيان تۈركىيە فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈستىدە ئىزدەنگەندە چۇقۇم كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە«گۈلەن ھەرىكىتى» گە بولغان قوللاشنى توختىتىشى ۋە تۈركىيەگە قويغان دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، شۋېتسىيەمۇ 16-چېسلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلغان. بەلگىلىمە بويىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى چوقۇم 30 ئەزا دۆلەتنىڭ «بىردەك قوشۇلۇشى» بىلەن ئاندىن يېڭى ئەزا قوبۇل قىلالايدۇ.
كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان ئىراق، ئىران، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. تۈركىيە كۆپ قېتىم چېگرا ھالقىپ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ نىشانىغا زەربە بەرگەن.
2016-يىلى 7-ئايدا، تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى دىنىي زات فەتخۇللا گۈلەن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان «گۈلەن ھەرىكىتى» قوزغىغان دەپ كۆرسەتكەن. گۈلەن 1999-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى