مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا «تۈرمە دۆلىتى»گە ئايلىنىپ قالدى —— ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس روبىن كېللىنى زىيارەت

2022.05.17 21:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسى لوس ئانژېلېس شۆبە مەكتىپىنىڭ ئامېرىكا تارىخى پىروفېسسورى روبىن كېللى يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى قاماش نىسبىتىگە ئىگە ئامېرىكا ئىسمى جىسمىغا لايىق «تۈرمە دۆلىتى»گە ئايلاندى، دېدى.

  ئامېرىكا ئاممىۋى سىياسەت ئاقىللار ئامبىرى «تۈرمە سىياسىتى تەشەببۇسى» يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 102 فېدېراتسىيە تۈرمىسى، 1566 ئىشتات تۈرمىسى، 2850 يەرلىك قاماقخانا، 1510 ئۆسمۈرلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيەلەش ئورنى، 186 كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە 82 ئەسلىدىكى ئاھالىلەر قاماقخانىسى ھەمدە ھەربىي تۈرمە قاتارلىق تۈرلۈك ئاپپاراتلار جەمئىي 2 مىليون مەھبۇسنى قاماپ قويغان.

  كېللى مۇنداق دېدى: «جىنايەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى جىنايەتنىڭ شىددەت بىلەن كۆپەيگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ ئۇزارغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەرز قىلىش قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۈزۈلمەي كەلگەن بايلىقتىن پايدىلىنىپ ‹جىنايەتچىلەرنى ئىشلەپچىقاردى›.» يېڭى لىبېرالىزملىق سىياسەت خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى تۈرمە كېڭەيمىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۈرمە ئەسلىھەلىرىنى پايدا ئالغىلى بولىدىغان، پۇل توپلىغىلى بولىدىغان مۈلۈككە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاللىقاچان بازارغا سېلىنغان ئامېرىكا خۇسۇسىي تۈرمە ماگناتى گۇرۇھى GEO ۋە تۈرمە تىجارەت شىركىتى CoreCivic بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرنى قاماش ئارقىلىق بېيىغان.

  كەيلى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىۋى تۈرمىلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش __ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى تۈرمە كىرىمىنىڭ بىر چوڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇردى. تۈرمە مەھبۇسلاردىن يالاپ ئېلىپ مېڭىش ھەققى، ياتاق ئارىيەت ئېلىش ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى ۋە ئاممىۋى ئاقلىغۇچىلىق ھەققى قاتارلىقلارنى ئالىدۇ، بۇلار ئەسلىدە ھەقسىز بولۇشى كېرەك ئىدى. روگىس داشۆسىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى برىتانى فرېدماننىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتنىڭ 49 ى مەھبۇستىن ھەر كۈنى 20 دوللاردىن 80 دوللارغىچە ياتاق ھەققى ئالىدىكەن. بەزى تۈرمىلەر بايلىق توپلاش ئۈچۈن، ھەتتا مەھبۇسلارنىڭ پۇل چىقىرىپ تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلىشىغا يول قويىدۇ.

  كېللى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا يېڭى لىبېرالىزم پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، ئاممىۋى مۇلازىمەت خارابلاشتى، خەلقنىڭ يۈكى ئېغىرلاشتى، بايلىق مەنپەئەت گۇرۇھىغا قاراپ ئاقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىخەتەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، چۈنكى ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ئورگىنى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كاپىتال توپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سىستېما چىرىپ كەتتى، ئۇ خەلققە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە شەھەرنى نامراتلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ