كرېمل سارىيىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 14-چېسلا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تەكلىپكە بىنائەن فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سائۇلى نىنىستو بىلەن تېلېفونلاشقان. ئىككى تەرەپ فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشىدىكى مۇددىئاسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، فىنلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي بىتەرەپلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق، چۈنكى فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان. فىنلاندىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى رۇسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشكەن. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كىيېۋ تەرەپ كەسكىن ۋە ئىجابىي سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشقا قىزىقمىغانلىقى ئۈچۈن، سۆھبەت جەريانى ئەمەلىيەتتە ۋاقتىنچە توختىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ