ئۇكرائىنا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، شاڭشياۋ ئىگور بېزاي 7-چېسلا جەڭدە قازا قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېزاي ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسىمىغا مەسئۇل، ئىلگىرى ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى 10-لۈيىنىڭ لۈيجاڭى بولغان، ئوكرائىنادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇچقۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، «ئۇكرائىنا ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېزاي 7-چېسلا «M-14» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېگىپ قازا قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ