مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

2022.05.11 13:15 مەنبە: خەلق تورى

  


  رۇسىيە رۇسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى


  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرىيېفنىڭ پولشا پايتەختى ۋارشاۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا پولشاغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.


  5-ئاينىڭ 9-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 77 يىللىق خاتىرە كۈنى. توردىكى سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاندرىيېف شۇ كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىقىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلغاندا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىغا قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق چاچقان ھەم گۈل تەقدىم قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.


  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەسەبىي ئۇنسۇرلار پولشا ساقچىلىرى كارى بولمىغان ئەھۋالدا ئاندرىيېف قاتارلىق دىپلوماتىيە خادىملىرىغا زورلۇق كۈچى ئىشلىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. رۇسىيە پولشانىڭ بۇنداق ئەمەلىيەتتىكى يېڭى ناتسىست توپىلاڭچىلىرىغا يول قويغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈپ، پولشا تەرەپنىڭ دەرھال گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇشىنى ھەمدە مۇراسىمنىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر بولۇشىغا ۋە ھېچقانداق ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.


  پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈندىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ بىر «يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش» ، مەيلى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى قانداق سىياسەت قوللانسۇن، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئالاھىدە قوغدىلىشى كېرەك. پولشا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پولشا ھۆكۈمىتى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، پولشا ھۆكۈمىتى ئىشتىن بۇرۇن رۇسىيە ئەلچىخانىسىغا شۇ كۈندىكى ئاشكارا گۈل تەقدىم قىلىشنىڭ نارازىلىق خەتىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ