شۇ يەر ۋاقتى 9-چېسلا سائەت 00 :10 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 9-چېسلا سائەت 15:00 تە) ، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا رۇسىيە ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل 11 مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، 131 يەر يۈزى ھەربىي قورال-جابدۇقلىرى ۋە 77 ئايروپىلاندىن تەشكىللەنگەن ھاۋا ئارمىيە ئەترىتى قىزىل مەيداندا پاراتتىن ئۆتتى.
موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ، ئېكاتېرىنبۇرگ، ۋولگاگراد ۋە ۋىلادىۋوستوك قاتارلىق 28 شەھەردە غەلىبە كۈنى ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيەدىكى بەش چوڭ ھەربىي رايوندىن كەلگەن تەخمىنەن 65 مىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەر ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، 2400 يەر يۈزى ھەربىي قورال-جابدۇقلىرى ۋە 460 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ھەربىي پاراتقا قاتناشتى. 9-چېسلا سائەت 22:00 دە، ھەرقايسى جايلار يەنە ھۆرمەت توپى ۋە ساليوت ئاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ