رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىدە، شۇ يەر ۋاقتى 6-چېسلا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتىدە يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زايسېف مۇنداق دېگەن: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرى ئىشلتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر «غەرەزلىك پىتنە-ئىغۋا» بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتىدە يادرو قوراللىرى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە يادرو ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغۇچى دۆلەت يوق، يادرو ئۇرۇشى قوزغىماسلىق كېرەك، دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ