مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىننىڭ تېلېفوندىكى گەپلىرىدە ئۇچۇر ناھايىتى كۆپ

2022.05.06 13:07 مەنبە: خەلق تورى


  گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-چېسلا موسكۋا ۋە پارىژدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشقان، پۇتىن مارىئۇپولنىڭ «ئازادلىقى» ئۈستىدە توختالغاندا غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تىزگىنىدىكى زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇمىغا سەل قارىغانلىقىدىن ئاغرىنغان.


  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى ئىككى سائەت داۋاملاشقان، بۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۆزلىشىشى ئىكەن. ئېلىزې سارىيى سۆزلىشىشكە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان، لېكىن كرېمىل سارىيى سۆزلىشىشنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنىڭ قورشاۋدا قالغان مارىئۇپول ۋە ئازوۋ پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدىكى پۇقرالارنىڭ چېكىنىشىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كرېمىل سارىيى پۇتىننىڭ ماكرونغا يەنە «ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇكرائىناغا قورال يەتكۈزۈشنى توختاتقان بولسا، غەرب ئەللىرى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنالايتتى» دېگەنلىكىنى ئېيتتى.


  گېرمانىيە تەھرىرات تورىنىڭ 4-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت جەھەتتە «ئىشەنچلىك خىزمەت ئارزۇسى كەمچىل» دەپ ئەيىبلىگەن. كرېمىل سارىيى ئېلان قىلغان پۇتىن بىلەن ماكروننىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن يەنە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ باش-ئاخىرىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى تەنقىدلىگەن.


  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىرېمل سارىيى پۇتىن بىلەن ماكرون يەنە يەر شارى ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، پۇتىننىڭ غەربنىڭ جازاسىنىڭ ئاشلىق ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.


  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-چېسلا پارىژدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرى ئىككى سائەت 10 مىنۇت تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى مارىئۇپولدىكى ئازوۋ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى «چېكىنىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش»قا «رۇخسەت قىلىش» نى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ