ياپونىيە خوجىلىق ۋازارىتى 4-چېسلا ئېلان قىلغان نوپۇس سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ياپونىيەدە 15 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ نوپۇسى 14 مىليون 650 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 250 مىڭى ئازىيىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى يېڭىلىغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1982-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 41 يىل ئازايغان. بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە، ياپونىيەدىكى ئوغۇل بالىلار تەخمىنەن 7 مىليون 510 مىڭ، قىز بالا تەخمىنەن 7 مىليون 150 مىڭ بولۇپ، يېشى قانچە كىچىك بولغان بالىلارنىڭ سانى شۇنچە ئاز بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدە بالىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.7 بولۇپ، ئۇدا 48 يىل تۆۋەنلىگەن. 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %29 بولۇپ، بۇ ياپونىيە جەمئىيىتىدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نۆۋەتتە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ناھىيەسى نوپۇسىدا بالىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %16.5 ئىكەن، ئاكىتا ناھىيەسىدە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، %9.5 ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ