مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى!

2022.05.05 12:00 مەنبە: خەلق تورى

  رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 4-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كەڭ كۆلەمدە قىرغۇچى بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى، 2005-يىلىدىن بۇيان ئۇكرائىنا بىيولوگىيە تەتقىقات تۈرىنى جەمئىي 224 مىليون دوللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.

  4-چىسلا رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالېكساندىر باسترېگكىننىڭ 3-چېسلادىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ كومىتېت ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كەڭ كۆلەمدە قىرغۇچى بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ ھەم تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھۆججەتتە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي بىيولوگىيەلىك پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بېكىتىلدى، بۇ خادىملار ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بار.

  باسترېگكىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن 30 جانلىقلار پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ كەلدى، ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى رۇسىيەدە ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى كىيېۋ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا يۆتكەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ