ئافغانىستان مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا جۇڭگو ياردەم قىلغان ئاشلىقنى تارقىتىپ بەردى

2022.04.25 20:21 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئافغانىستان خەلقى كابۇلدا جۇڭگو ياردەم قىلغان ئاشلىقنى تاپشۇرۇۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (سەفراخمان سافى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى پايتەخت كابۇلدا قىيىنچىلىقى بار 1500 ئاممىغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئاشلىقنى تارقاتتى. بۇ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا يۆتكەپ كېلىنگەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ 5-تۈركۈمدىكى ئاشلىقى.

  ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل مۇتەللىپ خاقانى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نەق مەيداندىكى ھەر بىر كىشى جۇڭگو ياردەم قىلغان 50 كىلوگىرام گۈرۈچنى ئالالايدۇ. ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئافغانىستانغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى خېلىل خاقانى ياردەم بەرگەن ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش نەق مەيدانىدا: مۇساپىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە جۇڭگو ياردەم قىلغان ئاشلىقنى داۋاملىق تارقىتىدۇ، دېدى.

  35 ياشلىق كابۇل شەھىرى ئاھالىسى فەرىد ئەھمەد مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە 10 جان بار، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى قىيىن، جۇڭگونىڭ ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.

  ئافغانىستان نۆۋەتتە ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 9-ئايدا ئافغانىستانغا 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئاشلىق، قىشلىق ماددىي ئەشيا، ۋاكسىنا ۋە دورا قاتارلىق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە بۇ تۈردە 6220 توننا ئاشلىق ياردىمى تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ