ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماكرون فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشنى قولغا كەلتۈرگەن

2022.04.25 13:35 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى، فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ماكرون (ئوڭدا) پارىژدا سايلامدىن كېيىنكى تەبرىكلەش يىغىلىشىدا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ جىڭ فوتوسى

  فىرانسىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ 24-چېسلا كەچتە ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ماكرون شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيەنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلىشىدا ئېرىشكەن ئاۋاز ئوڭ قانات پارتىيە «مىللىي ئىتتىپاق» نىڭ نامزاتى مارىنا لېپېن ئېرىشكەن ئاۋازدىن كۆپ بولغانلىقتىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەشنى قولغا كەلتۈرگەن.

  فرانسىيە سودا چاستوتىلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېيرابې ئەل رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ماكروننىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشى % 58.6، لېپېننىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشى% 41.4 بولغان.

  4-ئاينىڭ 24- كۈنى، فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ماكرون پارىژدا سايلامدىن كېيىنكى تەبرىكلەش يىغىلىشىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ جىڭ فوتوسى

  ماكرون شۇ كۈنى كەچتە پارىژدىكى ئېفىل مۇنارى ئالدىدا سۆز قىلىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىغانلىقى ۋە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ماكرون مۇنداق دېدى: فىرانسىيە جەمئىيىتى گۇمان ۋە بۆلۈنۈش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، مەن «مەلۇم بىر لاگېرنىڭ زۇڭتۇڭى بولماستىن، بەلكى فىرانسىيە خەلقىنىڭ زۇڭتۇڭى» بولۇشۇنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ كەلگۈسى بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ۋەدە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ