ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي شۇ يەر ۋاقتى 23-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئائۇستىن 24-چېسلا كىيېۋدا زىيارەتتە بولىدۇ.
زېلېنسكىي يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىننىڭ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «مېنىڭچە ئۇ چوقۇم كېلىدۇ» دېدى.
بىراق ئاقساراي تەرەپتىكىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن بايدىننىڭ ئوكرائىنانى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ