پاكىستان مىللىي پارلامېنتى زۇڭلىغا ئىشەنمەسلىك تەكلىپىنى ماقۇللىدى

2022.04.11 20:31 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان 74-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇنازىرىسىدە سۆز قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مۇزى فوتوسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان خەلق پارلامېنتى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى) 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە زۇڭلى ئىمران خانغا قارىتىلغان ئىشەنمەسلىك تەكلىپىنى ماقۇللىدى. ئىمران خان پاكىستان تارىخىدىكى خەلق پارلامېنتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان تۇنجى زۇڭلى بولۇپ قالدى.

  پاكىستان خەلق پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ئىشەنمەسلىك تەكلىپى 174 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پاكىستان ئاساسىي قانۇنى ۋە پارلامېنتنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن، تەكلىپكە ئىشەنمەسلىك پەقەت خەلق پارلامېنتىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق ئورنىنىڭ، يەنى 172 ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىلا ماقۇللىنىدۇ.

  3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى مىللىي پارلامېنتقا ئىمران خانغا ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا رەسمىي تەكلىپ بەردى. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مىللىي پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم سۇلى بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى، ئارقىدىن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارۋى ئىمران خاننىڭ تەكلىپىنى تەستىقلاپ، مىللىي پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى، پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى سۇلىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىمران خانغا ئىشەنمەسلىك تەكلىپىنى رەت قىلىش قارارىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ كېسىم چىقىرىپ رەت قىلدى؛ ئارۋىينىڭ مىللىي پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى ئىناۋەتسىز دەپ كېسىم چىقىرىپ، مىللىي پارلامېنت ۋە ئىچكى كابېنتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، پارلامېنت باشلىقىدىن شۇ جاي ۋاقتى 9-كۈنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13 تىن 30 مىنۇت)تىن بۇرۇن مىللىي پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئىمران خانغا ئىشەنمەسلىك تەكلىپىگە قارىتا بېلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

  پاكىستاندا ئالدىنقى بىر قېتىملىق مىللىي پارلامېنت سايلىمى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىمران خان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى غەلىبە قىلىپ، مىللىي پارلامېنتتىكى 1-چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى. ئىمران خان 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى قەسەم بېرىپ، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ