جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپتا بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ھادىسىسى كۆرۈلدى

2022.03.23 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مېتېئورولوگلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى، قىسمەن رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرىسىدىن 30-40 سېلسىيە گىرادۇس ئاشقانلىقىنى بايقىغان. فىرانسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مېتېئورولوگى ئېتىئان كاپىكىئان يېقىندا تىۋىتتىردا دېيىشىچە، كانكودىيا جەنۇبىي قۇتۇپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 18 - چىسلا نۆلدىن تۆۋەن 11.5 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرادىن تەخمىنەن 40 سېلسىيە گرادۇس يۇقىرى ئىكەن.

  سۈرەتتە: شۇ يەر ۋاقتى 2022- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى، جەنۇبىي قۇتۇپتا يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئانتاركتىكادىكى ئات تۇيىقى (ماتى) ئارىلىدىكى مۇزلۇقلار ئېرىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ