مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تۈركىيەدە ھەمكارلىشىپ سالغان دۇنيا بويىچە ھالقىمىسى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك پۈتۈپ قاتناش باشلاندى

2022.03.21 12:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇداۋ گۇرۇھى قارمىقىدىكى سىچۈەن يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى شىركىتى قاتناشقان دۇنيا بويىچە ھالققىمىسى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك تۈركىيە 1915 چاناق قەلئە چوڭ كۆۋرۈكىدە 18-چېسلا قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ۋە ۋاقىت تەننەرخى پايدىسى جەھەتتە ھەر يىلى تۈركىيەگە 415 مىليون ياۋرو تېجەپ بېرىدۇ.

  سىچۈەن يول-كۆۋرۈك شىركىتىتەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت 2020 - يىلىدىكى خېرىدار چاقىرىشتا چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتنىشىپ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ پولات ساندۇقسىمان لىمىنى قۇراشتۇرۇش تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ پولات ساندۇقلۇق لىمىنى قۇراشتۇرۇش تۈرىنىڭ دىرېكتورى يۈ يېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ كۆۋرۈكتە ئوڭۇشلۇق ماشىنا قاتنىغانلىقى « جۇڭگو قۇرۇلۇشى» نىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.تۈركىيە 1915 چاناق قەلئە چوڭ كۆۋرۈكى تۈركىيەنىڭ مەرمەر دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى داردانېل بوغۇزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان قوش مۇنارلىق ئۈچ ئۆتمىلىك ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى بار، كۆۋرۈك ھالقىمىسى 2023 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇ 2023-يىلىغا، يەنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ كۆۋرۈكتە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بوغۇزنىڭ ئىككى ئارىلىقىدا تەخمىنەن بىر سائەت قاتنايدىغان كېمە مۇساپىسى ئالتە مىنۇتلۇق ئاپتپموبىل مۇساپىگە قىسقىرايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ