مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركمەنىستاندا يېڭى زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلدى

2022.03.16 20:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركمەنىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەردار بەردىمۇھەممەدوف %72.97 ئاۋازغا ئېرىشىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان.

  سەردار بەردىمۇھەممەدوف 1981-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، ھازىرقى زۇڭتۇڭ قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوفنىڭ ئوغلى، ئۇ ئىلگىرى تۈركمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى، يەرلىكنىڭ مەمۇرىي باشلىقى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  سەردار بەردىمۇھەممەدوف سايلام رىقابىتىدە، ئەگەر ئۇ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا، ئەجدادلار بېكىتكەن پىرىنسىپ ۋە مەنىۋى مىراسلارغا ئەمەل قىلىپ، تۈركمەنىستاننى يېڭى دەۋردىكى ئىلغار دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

  تۈركمەنىستاندا 3-ئاينىڭ 12-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي توققۇز نامزات سايلام رىقابىتىگە قاتناشتى، جەمئىي %97.12 سايلىغۇچى ئاۋاز بەردى. ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىدۇ.

  قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوف 2007-يىلى 2-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2012-يىلى، 2017-يىلى ئىككى قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ