مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە-ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى سىياسىي سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2022.03.10 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 3-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ سىياسىي سۆھبەتنى قايتا باشلاپ، ئىختىلاپلارنى ئازايتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەردوغان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى«تارىخىي خاراكتېرلىك» كۆرۈشۈش تۈركىيە ـ ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بولۇپ قالىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مەقسىتى ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا سىياسىي سۆھبەتنى قايتا باشلاپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن ئېنىرگىيە ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ھەمكارلىشىشقا تەييارلىنىپ بولدى.

  ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: مەن كۆرۈشۈشتە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم.

  خېرزوگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ بەزى قارالمىلىرىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت، لېكىن ئۆزئارا ياخشى نىيەتلىرىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، مۇۋاپىق مېخانىزم ئورنىتىپ، سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن- ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ۋە كۇردلار مەسىلىسى قاتارلىقلارغا دائىر زىددىيەتلىرى ئۈزۈلمىدى، مۇناسىۋىتى جىددىي بولدى. بۇلتۇر 6-ئايدا، ئۇدا 12 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇلتۇر 7-ئايدا، خېرزوگ ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككىيلەن ئىسرائىلىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنڭ «شەرقىي، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇغان» لىقىنى تەكىتلىدى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ