مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالجىرىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى بىلەن سابىق سۇ بايلىقى مىنىستىرىغا جازا ھۆكۈم قىلىندى

2022.01.20 13:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالجىرىيەنىڭ بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 19-چېسلا سابىق زۇڭلى ئابدۇل مالىك سەللالغا تۆت يىللىق قاماق جازاسى، سابىق سۇ بايلىقى مىنىستىرى نەشەبكە بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە ھەربىرىىگە بىر مىليون دىنار (تەخمىنەن 45 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سەللال بىلەن نەشەب خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بىر تۈرلۈك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى توختامىنى ئۆز ئالدىغا ئامىنسىد گۇرۇھى شىركىتىگە بەرگەن بولۇپ، مۇناسىپ خېرىدار چاقىرىش تەرتىپىدىن ئۆتمىگەن. بۇ دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا خادىملارغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا جازا ھۆكۈم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ