مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر ئىسپانىيەدە ۋاپات بولدى، 112 يىل 341 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن

2022.01.20 13:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىننىس دۇنيا رېكورتى 19-چېسلا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر ئىسپانىيەلىك ساتۇرنىنو دې لا فۇئېنتې گارسىيانىڭ 18-چېسلا ئىسپانىيەدە ۋاپات بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ112 يىل 341 كۈن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  باش ئىشتابى لوندونغا جايلاشقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 112 يىل 211 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر، دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئەسلىدە 2-ئايدا 113 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالاتتى.

  بوي ئېگىزلىكى 150سانتىمېتىر كېلىدىغان ئىسپانىيەلىك بۇ كىشى 1909-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ يەتتە بالىسى، 14 نەۋرىسى ۋە 22 ئەۋرىسى بار. ئۇ جىننىس دۇنيا رېكورتىغا ئۆزىنىڭئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سىرىنى دەپ بەرگەندە«ھەرقانداق ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلماسلىق مېنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈمدىكى سىر»دېگەن.

  جىننىس دۇنيا رېكورتى تور بېكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بارلىق رېكورتلار ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى فىرانسىيەلىك ژان لۇئىس كالمېنتبولۇپ، ئۇ 1875-يىل 2-ئايدا تۇغۇلۇپ، 1997-يىلى 122 يىل 164 كۈن ئۆمۈر كۆرۈپ ۋاپات بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ