خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستاندا 19-چېسلا سائەت نۆلدىن باشلاپ جىددىي ھالەت رەسمىي بىكار قىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى نورماللاشتى، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىمى قازاقىستان چېگراسىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىمزالىغان زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، قازاقىستان مەملىكەت بويىچە 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ جىددىي ھالەتنى رەسمىي بىكار قىلىپ، جىددىي ھالەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.
شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توپىلاڭنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان ئالمۇتا شەھىرى، جامبىل ئوبلاستى قاتارلىق رايونلاردا جىددىي ھالەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ«قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان، ساقچى، خەلققوغداش قىسىمى ۋە قوراللىق قىسىم خادىملىرى چارلاش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈن ئىجرا قىلغان.
قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمى 19-چېسلا ئالمۇتا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ قازاقىستاندىن ئايرىلدى، بۇنىڭ بىلەن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قازاقىستاندىن چېكىنىش ۋەزىپىسى رەسمىي ئاخىرلاشتى، نۆۋەتتەقازاقىستاندا چەت ئەل ئارمىيەسى يوق.
قازاقىستان تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ 18-چېسلا پايتەخت نۇر سۇلتاندا توپىلاڭ يۈز بەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىنلىق سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: تەشكىللىك توپىلاڭ ۋە ھۇجۇم دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھۇلى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق، زۇڭتۇڭ توقايېۋنىڭ كەسكىن تەدبىر بەلگىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ ھۇلى قوغداپ قېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى