مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستاندىكى قالايمىقانچىلىقتا 225 ئادەم ئۆلۈپ 4353 ئادەم يارىلاندى

سابىق مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى قولغا ئېلىندى

2022.01.17 22:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن، ھازىرغىچە 225 ئادەم ئۆلگەن، 4353 ئادەم يارىلانغان. شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان رۇماباي قاراغايېف قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئىككى ئاي توختىتىپ قويۇلغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلاردىن يەنە «ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە مانغىستاۋ ئوبلاستىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى باھاسىنى قىلچە ئاساسى يوق ئۆستۈرۈشكە قاتناشقانلار بار.»

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش قازاقىستان پۇل مۇئامىلە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. تور بەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تاللىغان رۇماباي قاراغايېفنى جازالاش تەدبىرىنى تەستىقلىدى، رايونلۇق تەپتىش ئەمەلدارى ئىشخانىسى ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇشنى قوللىدى، تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

  قازاقىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شۇ جايدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈلدى، كېيىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ قالايمىقانچىلىققا ئايلاندى ھەم توپىلاڭچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سالابايېف مۇنداق دېگەن: قازاقىستاندىكى قالايمىقانچىلىقتا 19 ساقچى ۋە ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 225 ئادەم ئۆلدى. قالايمىقانچىلىقتا يەنە 3393 نەپەر قانۇن ئىجرا قىلىش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4353 ئادەم يارىلاندى.

  كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زاسى مۇنداق دېدى: قازاقىستان ۋەزىيىتى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كەلدى، لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدا تېخى جىددىي ھالەت بىكار قىلىنمىدى.

  كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، قازاقىستانغا قىسقا مۇددەتلىك تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ۋە نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زاسى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالمۇتادا كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ قازاقىستاندىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە 10 كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ