مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستان زۇڭتۇڭى يېڭى زۇڭلى تەيىنلىدى ھەمدە بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى

2022.01.12 19:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئەلىخان ئىسمائىلوفنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىلىققا تەيىنلىدى. توقايېۋ شۇ كۈنى يەنە سىياسىي، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

  قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، توقايېۋ تاپشۇرغان ئەلىخان ئىسمائىلوفنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقتى ۋە ماقۇللىدى. ئارقىدىنلا توقايېۋ زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، ئەلىخان ئىسمائىلوفنى زۇڭلىلىققا رەسمىي تەيىنلىدى. ئەلىخان ئىسمائىلوف قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2019-يىلى 2-ئايدا، ئەلىخان ئىسمائىلوف بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

  قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توقايېۋ شۇ كۈنى يەنە بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. خەۋپسىزلىك ساھەسىدە، قازاقىستان قوراللىق كۈچلەر، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتلىرىنى قايتا تەشكىللەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىزمگە زەربە بېرىپ، پۇقرالارنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، ئاساسىي قانۇن تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ سىياسىي ساھەدە، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە سۆھبەت كۈچەيتىلىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي ساھەدە، توقايېۋ ھۆكۈمەتكە 2022-يىللىق ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، سىستېمىلىق پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاپشۇردى.

  توقايېۋ شۇ كۈنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ ۋەزىپىسى تاماملاندى، تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئىككى كۈندىن كېيىن باسقۇچقا بۆلۈپ قازاقىستاندىن چېكىنىدۇ، چېكىنىش جەريانى 10 كۈندىن ئاشمايدۇ.

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن قازاقىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مەنگىستاۋ ئوبلاستىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، قازاقىستاننىڭ قىسمەن شەھەرلىرىدىكى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ نارازىلىقىنى قوزغىدى. توقايېۋ 5-كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ماقۇللىدى. ھۆكۈمەت ئەزالىرى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگىچە مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلدى. لېكىن قىسمەن رايونلاردا قالايمىقانچىلىق داۋاملىق يۈز بېرىپ، نۇرغۇن جايلاردا توپىلاڭچىلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى. كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى توقايېۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، مەزكۇر تەشكىلات قازاقىستاندا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قىسقا مۇددەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىمى ئارقا-ئارقىدىن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلدى. ھازىر قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، تىنچلىق ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ