مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستان زۇڭتۇڭ تور بېكىتىدە قازاقىستان ۋەزىيىتى كونترول قىلىندى، دېيىلدى

2022.01.10 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭ تور بېكىتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇقىملاشقان، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىشغال قىلىنغان مەمۇرىي ئەسلىھەلەر قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە داۋالاش سىستېمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋە قوراللىق قىسىم داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئىچكى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جايلارنىڭ جىددىي ھالەتكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك ئەسلىھەلەرنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، كۈچلۈك تارماقلار تېررورچىلارنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ ھەم ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جىنايەت دەلىل-ئىسپاتلىرىنى توپلاۋاتىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ، تەپتىش ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك تارماقلار بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. توقايېۋ يەنە بىر ھۆكۈمەت كومىتېتى قۇرۇپ، توپىلاڭ يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

  ھازىرغا قەدەر، قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق مەزگىلىدە 125 قېتىملىق ۋەقەگە جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەخمىنەن 5800 ئادەم قولغا ئېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندىكى چەت ئەللىكلەر بار.

  2022-يىلى باشلانغاندا، قازاقىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مەنجىستاۋ ئوبلاستىدا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، نۇرغۇن جايدىكى ئاممىنىڭ يىغىلىپ نارازىلىق قىلىشىنى قوزغىدى. توقايېۋ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ماقۇللىدى. ۋاھالەنكى، قىسمەن رايونلاردا مالىمانچىلىق داۋام قىلدى، نۇرغۇن جايلاردا توپىلاڭچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئارقىدىنلا توقايېۋ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى توقايېۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى قازاقىستاندا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قىسقا مۇددەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ