خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاينىڭ 10- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك ياتاق بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 19 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزى ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيويورك شەھەر باشلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى سىتىفېن لىنگېر ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى دەلىللىگەن ھەمدە 13 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىرلىقىنى، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يارىلانغانلارنىڭ سانى 50 دىن ئېشىپ كەتكەن. نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامس بۇ ئوت ئاپىتى «ناھايىتى قورقۇنچلۇق» ، «بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئوت ئاپىتىنىڭ بىرى»دېگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ