مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پياۋ جىنخۈي ئالاھىدە كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ، رەسمىي قويۇپ بېرىلدى

2021.12.31 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 31- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پياۋ جىنخۈي شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 0 دە (بېيجىڭ ۋاقتى 30-چېسلا سائەت 23تە) ئالاھىدە كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ، رەسمىي قويۇپ بېرىلدى. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتى كېسەل سەۋەبىدىن سامسۇڭ سېئول دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان پياۋ جىنخۈيغا كەچۈرۈم گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ دائىم داۋالىنىدىغان كېسەلخانىدىن قانۇن ساقچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ، كەچۈرۈم قىلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

  12- ئاينىڭ 24-كۈنى، كورىيە ھۆكۈمىتى پياۋ جىنخۈينىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 31- كۈنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كورىيە ھۆكۈمىتى خەلق ئىتتىپاقلىقى ۋە پياۋ جىنخۈينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پياۋ جىنخۈي كېسەل سەۋەبىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان.

  پياۋ جىنخۇي 2013 ـ يىلىدىن 2017 ـ يىلىغىچە كورىيە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، كورىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ پياۋ جىنخۈينى ئەيىبلەش دېلوسىنى ماقۇللاپ، پياۋ جىنخۈينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئەدلىيە جەھەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان. بۇ يىل 1 ـ ئايدا، پياۋ جىنخۈي «يېقىنلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇش» دېلوسى ۋە دۆلەت ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ «ئالاھىدە پائالىيەتلەر راسخودى» نى قوبۇل قىلىش دېلوسى سەۋەبىدىن 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پارلامېنت سايلىمىغا ئارىلىشىش دېلوسىدىكى ئىككى يىللىق قاماق جازاسى قوشۇلۇپ، جەمئىي 22 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، جازا مۇددىتى 2019 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ