مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇنداق «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق» نېمىدېگەن قوش ئۆلچەملىك! نېمىدېگەن زومىگەر!

2021.12.29 22:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدا داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» كىشىلەرنىڭ نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى، بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى يەنە ئىنسانىي ھوقۇق تېمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كۆپتۈردى: ئاقساراينىڭ بىر پارچە ئەسلەتمىسىدە «نوپۇس ئەتكەسچىلىكى»دىن ئىبارەت كونا مۇقامنى يەنە توۋلاپ، ئافغانىستان، بىرما، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئاتالمىش «كېسىم» ئېلىپ باردى؛ ئامېرىكا پارلامېنتى شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇد، دېگەن يالغان گەپنى توختىماي تەكرارلىدى؛ ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بىر مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپىنى «شىزاڭ ئىشلىرىنى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى»لىققا تەيىنلەپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئىشلىرىغا قول شىلتىدى... بۇنىڭغا جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى يوللۇق ۋە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

  جۇڭگودا: «ئىشى ئاقمىسا، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەش كېرەك» دەيدىغان بىر قەدىمكى سۆز بار. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سوتچىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆز-ئۆزىدىن بۇنداق سالاھىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىشى كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا، ھەر يىلى ئامېرىكىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ يېرىمى «قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن زاۋۇت»لارغا سېتىلدى ياكى ئائىلە قۇللۇقىغا ئۇچرىدى؛ 2019-يىلى ئامېرىكا 11 مىڭ 500 قېتىمدىن ئارتۇق نوپۇس ئېلىپ-سېتىش دېلوسىنى دوكلات قىلىپ، 2015-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئادەم توشۇپ سېتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قالپىقى ئامېرىكىنىڭ بېشىغا دەل ماس كېلىدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش پاكىتىنىڭ بىر بۇرجىكى.

  ئامېرىكىنىڭ رەزىل كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ۋاراقلىساق، دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن بىمار 810 مىڭدىن ئاشقاندىن تارتىپ ئىرقىي كەمسىتىش، زوراۋانلىق جىنايىتى، قورال-ياراغ يامراش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بارغانسېرى كەسكىنلەشكەنگە قەدەر، ئىراق، ئافغانىستان، سۇرىيەدە ئاددىي پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشتىن يۇقۇم مەزگىلىدە باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلغان يەككە جازانى سىجىل زورايتقانغا قەدەر... ھە دېسىلا «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئىدارە قىلىشى كارغا كەلمەي، تاشقى جەھەتتە شەخسىيەتچىلىك قىلىپ زومىگەرلىك قىلىپ، دەل دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پەيدا قىلغۇچىسى بولۇپ قالدى. ئىنتايىن كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك «دوكلات»، «قانۇن لايىھەلىرى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقا دۆلەتلەرگە قالايمىقان دورا يېزىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل تۈردە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئىللەتلىرىنى تاللاش خاراكتېرلىك كۆرمەس بولۇپ قالدى. بۇنداق «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق» نېمىدېگەن قوش ئۆلچەملىك! نېمىدېگەن زومىگەر!

  يالغان گەپنى مىڭ قېتىم تەكرارلىسىمۇ يەنىلا يالغان گەپ. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە جۇڭگو خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، رەڭلىك كۆزەينەك تاقىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ قارىغۇلارچە جۆيلۈش ھوقۇقى يوق. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى ئېدمان ئېلان قىلغان ئىشەنچ دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچ دەرىجىسى %95 كە يەتكەن. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى چاچقان پاسكىنا سۇ جۇڭگونىڭ ئىناق، ئىتتىپاق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، پەقەت ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىنى يەنىمۇ غۇلىتىۋېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ